بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

بۇركىنا فاسونىڭ گانا ۋە توگو چېگراسىغا يېقىن بىر رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1915176
بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىملىكى نەمەلۇم قوراللىق تېررورچىلار، گانا ۋە توگو چېگراسىغا يېقىن بىتتو شەھىرىنىڭ بوئۇلگو ناھىيەسىدىكى پېتانك كۇلۇبىغا بېسىپ كىرگەن.

زوراۋانلارنىڭ ئەتراپقا ئۇق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 4 ئوقۇتقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، قوشنا دۆلەت مالىدىكى ئەلقائىدە ۋە دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار تېررورچى گۇرۇپپىلار، 2015 – يىلدىن بۇيان بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا پات - پات تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا، 2015 – يىلدىن 2021 – يىلى دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 600 ئامانلىق ساقلىغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر