بىرمادىكى بىر يېزا يولىدىن 13 نەپەر روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئەركىن روھىنگا بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى ناي سان لۋىن باياناتىدا، ياڭگون شەھىرىدىكى خلېگۇ يېزىسىنىڭ تابىنشۋېخىتى يولىدىن 13 نەپەر روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1915138
بىرمادىكى بىر يېزا يولىدىن 13 نەپەر روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۋىن جەسەتلەرنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، جەسەتلەرنىڭ يۈزى ۋە بەدىنىدە يارا ئىزلىرى بارلىقىنى ئېيتتى.

لۋىن: «28 – نويابىردا ھەربىي ھاكىمىيەت تەرەپ، 54 ئەر ۋە 14 ئايالنى قوشقاندا جەمئىي 68 روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى قولغا ئالغان ئىدى. مېنىڭچە 18 ياشتىن تۆۋەن بۇ 13 قۇربانمۇ شۇ گۇرۇپپىدىن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رايوندىن قېچىشنى خالىغان روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ماشىنا بىلەن يۆتكىلىۋاتقاندا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان.

بىرمانىڭ  ئاراكان ئۆلكىسىدە 2012 - يىلى بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلاردىن تەركىپ تاپقان مىڭلىغان كىشى ئۆلتۈرۈلگەن شۇنداقلا يۈزلىگەن ئۆي ۋە شىركەت بىنالىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر