ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگىرىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا، بەيتۇللەھەم شەھىرىدە تۇرۇشۇلۇق پاناھلانغۇچىلار لاگېرى ئەددەھىشەگە بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈش جاريانىدا  بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

1914564
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگىرىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئەددەھىشە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا قىلىنغان بېسىپ كېرىپ تەكشۈرۈشتە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەقىقىي ئوق ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە بىر پەلستىنلىكنىڭ كۆكرىكىگە ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلاردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەتىگەندە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا، بەيتۇللەھەم شەھىرىدە تۇرۇشۇلۇق پاناھلانغۇچىلار لاگېرى ئەددەھىشەگە بېسىپ كىرگەن. ئەسكەرلەرنىڭ بېسىپ كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكەرگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسىدىن باشقا يەنە، ھەقىقىي ئوق ۋە كاۋچۇك ئوقلارنى ئىشلىتىپ قاتتىق مۇداخىلە قىلغان. ۋەقەدە بىر پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاتقان ئوقى كۆكرىكىگە تېگىپ قازا قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ۋە شەرقىي قۇددۇستا دائىم دېگۈدەك ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.  ھەر خىل باھانىلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنى نازارەتكە ئېلىپ كەلمەكتە.  بۇ قىلمىشلار رايوندا جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر