ئامېرىكادا ئېلېكتىر تورىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم سەۋەبىدىن 45 مىڭ كىشى توكسىز قالدى

ئامېرىكانىڭ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىغا قاراشلىق بىر ناھىيەدە ئېلېكتىر تورىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ھۇجۇمدىن كېيىن جىددىي ھالەت  ئېلان قىلىندى.

1914894
ئامېرىكادا ئېلېكتىر تورىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم سەۋەبىدىن 45 مىڭ كىشى توكسىز قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ مور ناھىيەسىدە ئېلېكتىر تورىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى.

ھۇجۇمدىن كېيىن، 45 مىڭ كىشى توكسىز قالدى ۋە رايوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

بۇلاڭچىلىق ۋە ئوغرىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كەچ سائەت 9 دىن ئەتىگەن سائەت 5 گىچە كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىندى.

ھۇجۇم قىلغۇچىلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. تەكشۈرۈشنى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى <FBI> ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئېلېكتىر تورىنى رېمونت قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر