تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى جەڭچىلىرىنىڭ %65 ىنىڭ ئالدىنقى سەپتىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئېفىيوپىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى ئەسكەرلىرىنىڭ %65 ىنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن ئالدىنقى سەپتىن چېكىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1914759
تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى جەڭچىلىرىنىڭ %65 ىنىڭ ئالدىنقى سەپتىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى رەھبەرلىرىدىن تادېسې ۋېرېدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىگە قاراشلىق ئەسكەرلەرنىڭ 65% نىڭ ئالدىنقى سەپتىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى ئەزالىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ھېلىھەم ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ ئاممىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋېرېدا: «ئەسكەرلىرىمىز پىيادە ياكى ماشىنىلار بىلەن ئالدىنقى سەپتىن لاگېرلارغا چېكىنمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، قورال تاشلاپ چېكىنىشكە باشلىغانىدى.

ئەددىس ئەبېبە ھۆكۈمىتى بىلەن قوزغىلاڭچى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى ۋەكىللىرى جەنۇبىي ئافرىقادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، توقۇنۇشلارنى توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىىم ئىمزالىغانىدى.

ئېفىيوپىيەدە ئارمىيە بىلەن تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى قوراللىقلىرى ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى نويابىردا باشلانغان توقۇنۇش مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى ۋە يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر