زېلېنسكىي دونېتسىك رايونىدىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي 24 - فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا ئەڭ ئېغىر توقۇنۇشلارنىڭ دونېتسىك رايونىغا قاراشلىق بەھمۇت ۋە سولېدار شەھەرلىرىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1914358
زېلېنسكىي دونېتسىك رايونىدىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي تېلېگرامما ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن كۈندىلىك سىنلىق ئۇچۇرىدا خەلققە خىتاب قىلدى. دونېتسىك رايونىنىڭ باھمۇت ۋە سولېدار شەھەرلىرىدە يېقىندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارغا قارىتا «ئەڭ شىددەتلىك» دەپ باھا بەدى.

زېلېنسكىي: «دونېتسىك رايونى، باھمۇت، سولېدار شەھىرىدىكى ئەھۋاللار ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئەڭ شىددەتلىك، ئەڭ ئازابلىق بولماقتا. ئەۋلاتلىرىمىزغا (ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە) بۇ يۆنىلىشتە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارلىق ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. مۇداپىئەنى  شۇ يەردە قوغداۋاتقان قەھرىمانلىرىمىز ۋە ئۇ يەردىكى ھەممەيلەن ئەڭ كۆپ رەھمەت ئېيتىشمىزغا ئەرزىيدۇ» دېدى.

زېلېنسكىي ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ 2 - دېكابىردا رۇسىيەدىن دېڭىز يولى ئارقىلىق توشۇلىدىغان نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسىغا قارىتا ئەڭ يۇقىرى چەكنى 60 دوللار قىلىپ بەلگىلەشتە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ باھانىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ھەر ۋارىل رۇسىيە نېفىتى باھاسىنىڭ 30 دوللارغىچە چۈشۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان زېلېنسكىي، بۇ قاراردىن رازى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر