ئىراندا (جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن) 4 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

ئىراندا «ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 4 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

1914364
ئىراندا (جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن) 4 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىنتىخاب» خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىيۇندا قولغا ئېلىنغان ۋە ئالدىنقى ھەپتە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھۈسەيىن ئوردۇخانزادە، شاھىن ئىمانى مۇھەممەد ئاباد، مىلاد ئەشرەفى ئاتباتان ۋە مېنۇچەھىر شەخبەندى بوجەندىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.

مەزكۇر 4 كىشى ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ بۇيرىقى بىلەن ھەرىكەت قىلىش، كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋە پۇل ئېلىپ ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن سوتلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر