ئامېرىكا ئومان دېڭىز قولتۇقىدا 50 توننا پارتىلاتقۇچنى قولغا چۈشۈردى
ئامېرىكا ئومان دېڭىز قولتۇقىدا توختاتقان بېلىقچىلىق كېمىسىدىن 50 توننا پارتىلاتقۇچ دورا ۋە نۇرغۇنلىغان قانۇنسىز قوراللارنى قولغا چۈشۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، 1 - دېكابىردا ئومان دېڭىز قولتۇقىدا بېلىقچىلىق كېمىسىنىڭ توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كېمىنىڭ ئىران - يەمەن لىنىيەسىدە توختىتىلغانلىقى، كېمىدە 50 توننا پارتلاتقۇچ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە راكېتا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانى براد كۇپېر ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ كېمىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىككىنچى كېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئىراننىڭ قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئەجەللىك قورال ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى» دېدى.
يەمەندىكى خۇسىيلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق قورال سېتىش، تەمىنلەش ياكى يۆتكەش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2216 - نومۇرلۇق قارارىغا شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، ئامېرىكا 5 - فلوتىنىڭ 8 - نويابىردا يەمەنگە پارتىلاتقۇچ ئېلىپ كېتىۋاتقان باشقا بىر كېمىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.