شىۋېتسىيە پ ك ك ئەزاسى تېررورچىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بەردى

شىۋېتسىيە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك  غا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن 6 يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ماھمۇت تاتنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بەردى.

1914180
شىۋېتسىيە پ ك ك ئەزاسى تېررورچىنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بەردى
mahmut tat.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە،  ماھمۇت تات، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن، 2015 - يىلى شىۋېتسىيەگە كىتىپ، پاناھلىق تىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تەلىپى رەت قىلىنغان. يېقىندا شىۋېتسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ماھمۇت تات، مولندالدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ يەردە رەسمىيەتلىرى تاماملانغان تات، ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن.

تۈنۈگۈن كەچتە ساقچىلار تەرىپىدىن ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلاندىن ئېلىنغان تات، ئايرودۇرۇم ساقچىخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ، سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك  غا ئەزا بولغانلىقى سەۋەبىدىن 6 يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ماھمۇت تات، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئۇ، كېيىنچە قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە يوللانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر