رۇسىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغان ئۇكرائىنالىق ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلارغا مۇكاپات بېرىلدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى رۇسىيە دۆلىتىگە ئۇرۇش قوزغىغان 24-فېۋرالدىن بۇيان رۇسىيەنىڭ ئاسارىتىدىن ئەسىر ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن 1331 ئۇكرائىنا ئەسكىرى ۋە ساقچىسىغا مۇكاپات بەردى.



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە، ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە تەرەپ بىلەن ھازىرغىچە بولغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئەسكەرلەر، ساقچىلار ۋە سەھىيە خادىملىرىغا مۇكاپات بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ ئاسارىتىدىكى ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشىدا يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «24 – فېۋرالدىن بۇيان 1331 ئۇكرائىنالىق رۇسىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدى. ئەمما ئىشغالچىلار تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان بارلىق كىشىلەرنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇشىمىز كېرەك.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
بۇلغارىيە پىرېزىدېنتى رۇمېن رادېۋ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن كۆرۈشتى.