ئافغانىستان مەدرىسەسىدىكى پارتلاشتا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئېنىقلاندى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر مەدرىسەدە 30-نويابىر پېشىن نامىزى ئوقۇلۇۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن شىددەتلىك پارتلاشتا، ئەڭ ئاز دېگەندە 19 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1913765
ئافغانىستان مەدرىسەسىدىكى پارتلاشتا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئېنىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئافغانىستان ياردەم جەمئىيىتىنىڭ (UNAMA) تۋىتېتر بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، سامانگان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي ناھىيەسى ئايبەكنىڭ جىھادىيە مەدرىسەسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك قولغا چۈشۈرۈلگەن مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.

ب د ت ئافغانىستان ياردەم جەمئىيىتىنىڭ خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە، پارتلاشتا ئەڭ ئاز دېگەندە 19 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 23 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى؛ بۇ كىشىلەردىن ئاز 20 سىنىڭ مەدرىسە تالىپلىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابدۇل نافى تاكور ۋەقەدە 10 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پارتلاشقا ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.

پايتەخت كابۇلنىڭ غەربىگە جايلاشقان شىئە ھازار مەھەللىسى دەشتى بەرچىدە 30-سېنتەبىر (2022) تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇنىۋېرستېت ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدۇرۇۋاتقان بىر ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئورگىنىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 46 تولۇق ئوتتۇرا قىز ئوقۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر