ۋېنگىرىيە ياۋروپانىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ياردەم پىلانىنى رەت قىلماقتا

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئورتاق ياردەم پىلانىنى داۋاملىق رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1914149
ۋېنگىرىيە ياۋروپانىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ياردەم پىلانىنى رەت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان دۆلەتلىك كوسسۇس رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەر رامكىسىدا ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىش پىكرىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان 18 مىليارد ياۋرولۇق ياردەم لايىھەسىنى داۋاملىق رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئېمبارگولىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ياۋروپا تەبىئىي گاز ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئەھۋالدا، بۇنىڭ ۋېنگىرىيەگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ۋېنگرىيەنىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 9-نويابىردا (2022) 24-فېۋرالدىن تارتىپ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىناغا 2023-يىلى ئۈچۈن 18 مىليارد ياۋرولۇق ياردەم لايىھەسىنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر