بايدىن: رۇسىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى ئەقىلگە مۇۋاپىق يول

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىغا كىرگەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭ كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1913956
بايدىن: رۇسىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى ئەقىلگە مۇۋاپىق يول

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئامېرىكاغا كېلىپ تۇنجى «دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى» ئەمەلگە ئاشۇرغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىككى رەھبەر سۆزىدە، كۆرۈشۈشنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە ئۇكرائىناغا قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنىڭ تەشكىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت بايدىن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئەقىلگە مۇۋاپىق يولىنىڭ، پۇتىننىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنى ئۇكرائىنادىن چېكىندۈرۈشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «پۇتىن بۇ يولنى تاللىماي ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلەۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇكرائىنادا غايەت زور ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئالاقىلىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ: «پۇتىن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىغا كىرىشكە قارار قىلىشنى نىيەت قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييارمەن. بىراق، ئۇ تېخى بۇ يولدا ئەمەس. ئاشۇنداق بولسا، فىرانسىيە ۋە باشقا ناتوغا ئەزا دوستلىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلغان ھالدا پۇتىن بىلەن ئولتۇرۇپ نېمىنى ئويلايدۇ، كۆرىمىز» دېدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى قارارنى ئۇكرائىنانىڭ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز ھېچقاچان ئۇكرائىنادىن ئۇلار قوبۇل قىلالمايدىغان يول قويۇشلارنى تەلەپ قىلمايمىز. بۇنداق تىنچلىق ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئۆزىنىڭ زېمىنى توغمرىسىدا مۇزاكىرە شەرتلىرىنى بەلگىلىشى ئۈچۈ ئۇكرائىنالىقلارنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىمىز» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر