دائېشنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەبۇ ھەسەن ئەل ھاشىمى ئەل قۇرەيشى ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى ئۆكتەبىردە (2022) ئەبۇ ئىبراھىم ئەل ھاشىمى ئەل قۇرەيشىنى ئۇجۇقتۇرغاندىن كېيىن، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئەبۇ ھەسەن ئەل ھاشىمى ئەل قۇرەيشىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1913236
دائېشنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەبۇ ھەسەن ئەل ھاشىمى ئەل قۇرەيشى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى ئاخبارات باياناتچىسى پولكوۋنىك جو بۇككىنو يازما باياناتىدا، ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەبۇ ھەسەن ئەل ھاشىمى ئەل قۇرەيشىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلۇشى دائېشقا يەنە بىر ئېغىر زەربە بولدى. بۇ ھەرىكەت ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ دارا ۋىلايىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېيىلدى.

جو بۇككىنو دائېشنىڭ رايونغا تەھدىت بولۇشنى داۋاملشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى بۇ تەشكىلاتنىڭ مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيىتىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى باشقا ئىتتىپاقداشلارنىڭ، بۇ ھۇجۇمدا قانداق رولى بولغانلىقى نامەلۇم.

ئامېرىكا ئارمىيەىسى ئىراق، سۈرىيە ۋە ئىيوردانىيە چېگراسى تۇتىشىدىغان ئەل-تانىف رايونىدا مۇغاۋۋىر ئەت-تاۋرا ناملىق ئۆكتىچى گۇرۇپپا بىلەن ھەمكارلاشماقتا.

بۇ گۇرۇپپا يېقىندا ئىسمىنى «ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى» دەپ ئۆزگەرتكەن ئىدى.

دائېشنىڭ تۇنجى رەھبىرى ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن ئەبۇ ئىبراھىم ئەل ھاشىمى ئەل قۇرەيشى فېۋرالدا (2022) سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر