زېلېنسكىي: «رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك ئالدىنقى سېپىدە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ داۋاملىق ئېغىر زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار» دېدى.

1912723
زېلېنسكىي: «رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېكېنسكىي تېلېگرامما ئادرېسىدا ھەمبەھىرلەنگەن سىنلىق ئۇچۇرىدا، 24 - فېۋرالدا باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ دونېتسىك سېپىدە ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە ھۇجۇملىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چېكىندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن ناچار» دېدى.

رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ دونېتسىك ئالدىنقى سېپىدە زور زىيان تارتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان زېلېنسكىي، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يول قويمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ لۇخانسك رايونىدا كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئولتۇراق رايونلارنى ئالقىنىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە خاركىۋ رايونى بىلەن جەنۇبتا ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش باشلاش ئارقىلىق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي، رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئاللىقاچان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى (ICC) بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتۇق ۋە بۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز. ئەپسۇسكى ھازىرقى خەلقئارا قانۇن قوراللىرى ئادالەت (ئۇكرائىنا ئۇرۇشى) ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس» دېدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنادا باشلانغان ئۇرۇشتا جىنايىتى بولغانلارنى سوتلاش ئۈچۈن بىر خەلقئارالىق سوتنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر