ياپونىيە بىلەن موڭغۇلىيە رەھبەرلىرى شىمالىي كورېيەگە جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلدى

ياپونىيە ۋە موڭغۇلىيە رەھبەرلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە يادرو پىروگراممىسى بىلەن تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان شىمالىي كورېيەنى بۇ پائالىيەتلەرنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

1912869
ياپونىيە بىلەن موڭغۇلىيە رەھبەرلىرى شىمالىي كورېيەگە جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئۇخنا خۇرېلسۇخ ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرەلەشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان كىشىدا ۋە خۇرېلسۇخنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە يادرو پىلانىنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رەھبەرلەر شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ماسلىشىشنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ يەنە شىمالىي كورېيەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ياپونىيە پۇقرالىرىنى يۇرتىغا قايتۇرۇش مەسىلىسىنى دەرھال ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈن «تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ياپونىيە پۇقرالىرى» مەسىلىسىدە، توكيو ھۆكۈمىتى موڭغۇلىيەنى «مۇھىم ۋاسىتىچى» دەپ قارىماقتا.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2022 - يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئوخشىمىغان مۇساپىلىق 30 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر