ئامېرىكا: «ۋەتەنپەۋەر» ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىلىرىنى بېرىش پىلانىمىز يوق

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) باياناتچىسى پاترىك رايدىر (Patrick Ryder) ئامېرىكانىڭ ھازىر ئۇكرائىناغا «ۋەتەنپەۋەر» (Patriot) ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىلىرىنى بېرىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1913023
ئامېرىكا: «ۋەتەنپەۋەر» ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىلىرىنى بېرىش پىلانىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پاترىك رايدىر كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنانى «ۋەتەنپەۋەر» ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «ھازىر ئۇكرائىناغا <ۋەتەنپەرۋەر> ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىلىرىنى بېرىش پىلانىمىز يوق. ئەمما، بۇ ھەقتىكى ئۇچرىشىشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر