پاكىستاندىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 2 كىشى ئۆلۈپ، 24 كىشى يارىلاندى
پاكىستاننىڭ بېلۇچىستان ئۆلكىسىدە ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ئادەم بومبا ۋەقەسىدە، 1 ساقچى بىلەن بىر كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى ۋە 20 نەپەر ساقچىنى قوشقاندا جەمئىي 24 كىشى يارىلاندى.
1912681

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، كۇئەيتا شەھىرىنىڭ بالېلى رايونىدا ساقچىلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىلغا قارىتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن.
ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بىر ساقچى بىلەن بىر كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 20 نەپەر ساقچىنى قوشقاندا، جەمئىي 24 كىشى يارىلانغان.
پاكىستان تالىبانلىرى ئالدىنقى كۈنى ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى بىلەن 10 - مايدا (2022) باشلانغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.