ئىران قوماندانى: نامايىشلاردا 300 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى

ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەت ئارمىيەسى قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان ئەمىر ئەلى ھاجىزادە نامايىشلاردا 300 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋەھالەنكى ئىران كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى 416 نامايىشچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى دوكلات قىلغان ئىدى.

1912379
ئىران قوماندانى: نامايىشلاردا 300 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت ئارمىيەسى قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان ھاۋا ئارمىيە قوماندانى بىرىگادا كوماندىرى ئەمىر ئەلى ھاجىزادە 22 ياشلىق ماھسا ئەمىنىنىڭ نازارەتتە قازا قىلىشى سەۋەبىدىن باشلانغان نامايىشلاردا ھازىرغا قەدەر بىخەتەرلىك قىسىملىرى خادىملىرىنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىراننىڭ ئوقۇغۇچىلار خەۋەر تورى (SNN) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھاجىزادە پايتەخت تېھراندىكى شەھىد رەجائىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، تەخمىنەن ئىككى يېرىم ئايدىن بۇيان مەملىكەت مىقياسىدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار ھەققىدە توختالغان. ئۇ نامايىشلارنىڭ ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرغۇچىلار تەرىپىدىن تەشكىللىگەنلىكىنى، ئەمما نامايىشقا قاتناشقان ھەممەيلەننى ئەيىبلەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قوزغىلاڭغا ئالدانغانلار ئىنقىلابقا قارشى تۇرغۇچىلار ئەمەس، ئۇلار بالىلىرىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ بىر قىسمى» دېگەن.

دۆلەتتىكى ياشلارنىڭ «دۈشمەننى تونۇمايدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن ھاجىزادە، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ تېمىدا دەرس ئۆتۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىران قوماندانى ھاجىزادە نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ھەققىدە تۇنجى قېتىم رەسمىي بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «بۇ ئىككى ئايدا 300 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى ياكى شېھىت بولدى، چۈنكى بىز دۈشمەننى پەرقلەندۈرەلمىدۇق» دېدى.

پايتەخت تېھراندا 13 - سىېتەبىردە (2022) «ئەخلاق ساقچىسى» دەپ ئاتالىدىغان ئىرشاد چارلاش ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ھوشىدىن كېتىپ بالنېستقا ئېلىنغان 22 ياشلىق ماھسا ئەمىنىنىڭ 16 - سېنتەبىردە قازا قىلىشى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

رەسمىي مەنبەلەر ۋەقەدە، پۇقرالار ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى خادىملىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلسىمۇ، ئەمما تاراتقۇلاردا پەقەت 60 تىن ئارتۇق بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مەركىزى نورۋېگىيەگە جايلاشقان ئىران كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى  22- نويابىردا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ماھسا ئەمىنىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن باشلانغان كوچا نامايىشلىرىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى سەۋەبىدىن 416 نامايىشچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر