ستولتېنبېرگ: پۇتىن قىش پەسلىنى قورال قىلىپ پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتونىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە غەلىبە قىلسا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بولمايدۇ» دېدى.

1912514
ستولتېنبېرگ: پۇتىن قىش پەسلىنى قورال قىلىپ پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارېستتا، «ئاسپېن-جېرمەن مارشال فوندى مۇنبىرى» نىڭ (Aspen-German Marshall FundForum) ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ناتونىڭ رۇسىيەنىڭ ئىشغال قىلىشىغا قارشى شەرقىي قاناتتا تەييارلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇرۇش قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ سانىنى تۆتتىن سەككىزگە چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن زۇلۇم قىلىش بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇكرائىنادىكى شەھەرلەرگە، ئۇل-ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيە غەلىبە قىلسا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بولمايدۇ. كەلگۈسىدىكى تىنچلىق ئۇچرىشىشى ئۈستەللىرىدە ئۇكرائىنانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن، ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىدە كەينىگە چېكىنمەيدىغانلىقلىرى» نى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇمېنىيە پىرېزىدېنتى كلاۋۇس ئىيوخاننىس بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرىغا، تەبىئىي گاز ۋە ھەر خىل ئۇل-ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ چوڭ ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ قىش پەسلىگە كىرگىنىمىزدە بۇنداق قىلىشى ۋە پۇتىننىڭ قىش پەسلىنى قورال قىلىپ پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن ئىدى.

رۇسىيە 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر