رۇسىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسدىكى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارغا مۇناسىۋەتلىك تەپتىش يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ تەپتىش يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى.

1912327
رۇسىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسدىكى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارغا مۇناسىۋەتلىك تەپتىش يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، 2010 - يىلى ئامېرىكا بىلەن ئىمزالانغان ۋە 2011 - يىلى كۈچكە ئىگە بولغان <يېڭى باشلىنىش> كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە تەپتىش قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مىسىر پايتەختى قاھىرەدە 29 - نويابىردىن 6 - دېكابىرغىچە (2022) ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان تەپتىش يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۆتكەن يىلى ئۇزارتىلغان ۋە 2026 - يىلغىچە كۈچكە ئىگە بۇ كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك تەپتىش يىغىنىنىڭ نېمە ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلمىدى.

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا (2022) رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا <يېڭى باشلىنىش> رامكىسى دائىرىسىدە تەكشۈرۈشلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە مۇزاكىرەلەرنىڭ  باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئاۋغۇستتا بولسا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم دائىرىسىدىكى تەكشۈرۈشلەرگە ئالاقىدار بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر