لىۋىيەدە تۇنجى تۈركىيە دوختۇرخانىسى ئېچىلدى

لىۋىيەنىڭ مىسراتا شەھىرىدە تۈرك كارخانىچىلار تەرىپىدىن ياسىتىلغان تۇنجى تۈركىيە دوختۇرخانىسى ئېچىلدى.

1912166
لىۋىيەدە تۇنجى تۈركىيە دوختۇرخانىسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاساسلىقى تۈرك دوختۇرلىرى ئىشلەيدىغان لىۋىيە - تۈركىيە دوختۇرخانىسى دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكا شارائىتىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

13 كۆپ ئىقتىدارلىق كلىنىكا، 4 ئوپېراتسىيە بۆلۈمى ۋە 120 كارىۋاتلىق دوختۇرخانىدا ئەسلىھەلىرى تولۇق جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىمۇ بار.

دوختۇرخانىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا يۈرەك – مېڭە، قان تومۇر ئوپېراتسىيەسى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى، جاراھەت كېسەللىكلىرى، نېرۋا، تاشقى كېسەللىكلىرى، ئومۇمىي ئوپېراتسىيە، تۇغۇت بۆلۈمى، ئىچكى كېسەللىكلەر، بالىلار بۆلۈمى ۋە كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، ناركوز ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، رادىئولوگىيە، ئوزۇقلۇق ۋە پەرھىز، جىددىي كېسەللىكلەر ۋە جىددى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىق تارماقلار بويىچە مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىڭلىغان لىۋىيەلىكلەر مۇھتاج بولۇۋاتقان داۋالاش مۇلازىمىتى تۈركىيە دوختۇرخانىسى ئارقىلىق تەمىنلىنىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر