ئۈرۈمچىدىكى نامايىشلار پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا كېڭەيمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە كارانتىن ئاستىغا ئېلىنغان تۇرالغۇ بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قوزغالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد 19) تەدبىرلىرىگە قارشى نامايىشلار پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا كېڭەيمەكتە.

1911954
ئۈرۈمچىدىكى نامايىشلار پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا كېڭەيمەكتە
cin kovid protesto.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (27-نويابىر) كەچتە پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئوت كېتىش ۋەقەسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى چاۋياڭ رايونىدا كېچىدە لياماۋ قانىلىنىڭ ئىككى تەرىپىگە توپلانغان بىر قانچە يۈز كىشىلىك گۇرۇپپا، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى.

دەريا بويىغا شام يېقىپ، گۈل قالدۇرغان نامايىشچىلار قوللىرىدىكى نامايىشلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان قۇرۇق ئاق قەغەزلەرنى كۆتۈرۈشۈپ، «كارانتىننى خالىمايمىز»، «سىناق قىلىنىشنى خالىمايمىز» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

خىتايدا ئاز ئۇچرايدىغان بۇ نامايىش ئەسلىدە خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سىياسىتى ۋە يۇقۇمنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىگە بولغان غەزەپ- نەپرىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىىسى، دەپ قارالماقتا.

24 – نويابىر (2022) ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى بىرتۇرالغۇ بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 10 كىشى قازا قىلغان ۋە دائىرىلەر بىر ئۆينىڭ توكىدىن كاشىلا چىقىپ  ئوت كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن تۇرالغۇ بىناسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كارانتىن سەۋەبىدىن ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقالمىغانلىقى، ئوت ئۆچۈرۇش ئەترىتىنىڭمۇ مېتال توسۇقلار بىلەن قورشالغان بىناغا كىرەلمىگەنلىكى، ھەمدە ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرەلمىگەنلىكى قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر