شولز: ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا پۇتىن جاۋابكار

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى رەھىمسىزلەرچە دەپسەندە قىلىشىنىڭ كىشىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1911710
شولز: ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا پۇتىن جاۋابكار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز فوكس (Focus) ژۇرنىلىغا بايانات بېرىپ: «ئۇرۇش ياۋروپاغا قايتىپ كەلدى. قوشنىسى ئۇكرائىنادىن زېمىن بۆلۈۋالماقچى بولغان رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇننى رەھىمسىزلەرچە دەپسەندە قىلىشى كىشىنى قايغۇغا سالىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپادا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلغان مەزگىلىدە قىلغانغا ئوخشاش، رۇسىيەنىڭ زېمىنىنى زوراۋانلىق بىلەن كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىمپېرىيالىزمنىڭ ياۋروپاغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ موسكۋانىڭ پىلانىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، رۇسىيەنىڭمۇ بۇ ۋەھىمىلىك ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش يولى ئىزدەيدىغان ۋاقتى كېلىشى كېرەك. ھەربىي قىسىملارنىڭ چېكىنىشى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ بارلىق خەلقئارالىق قانۇنلارنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئۇرۇشقا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن جاۋابكار. ئۇكرائىنادا كىشىنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە ئۇرۇش جىنايەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. بىز جىنايەتلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشىگە، جاۋابكارلارنىڭ تېپىلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ جازاغا تارتىلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا ياردەم قىلىمىز» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر