فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىندىستاننىڭ يېڭى ئاۋىياماتكىسىنى زىيارەت قىلدى

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيېن لېكورنۇ ھىندىستان بىلەن ھىندى - تىنچ ئوكياندىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىردەكلىك ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1911942
فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىندىستاننىڭ يېڭى ئاۋىياماتكىسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا ئۇچرىشىشلاردا بولۇۋاتقان فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېكورنۇ ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى لايىھەلىگەن 262 مېتىرلىق «INS Vikrant» ناملىق ئاۋىياماتكىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ زىيارىتى ھەققىدە تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ھىدىستان بىلەن فىرانسىيە ھىندى - تىنچ ئوكياندىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قاتناش ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بىردەكلىك ئىچىدە» دېدى.

ئۇ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا مەنسەپدېشى راجنات سىنگى بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىقى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكى ساھەلىرى بويىچە مۇزاكىرەلىشىشنى پىلانلىماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى س جايشانكار ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋال بىلەنمۇ ئۇچرىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

فىرانسىيە ھىندىستاننىڭ مۇداپىئە ئىمپورتىدىكى ئۈلۈشىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر