ھىندىستان بۇتان بىلەن ھەمكارلىشىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى

ھىندىستاندا بۇتان بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «India-Bhutan SAT» سۈنئىي ھەمراھى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلدى.

1911501
ھىندىستان بۇتان بىلەن ھەمكارلىشىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ئالەم تەتقىقات مەركىزى (ISRO) «قۇتۇپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش روكىتى (PSLV-C54) » بىلەن بىر قانچىلىغان سۈنئىي ھەمراھلارنى ئاندرا پرادېش ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سىرىخارىكوتا ئارىلىغا جايلاشقان <ساتىش داۋان> ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن قويۇپ بەرگەن.

باياناتتا، راكېتانىڭ بۇتان بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان «India-Bhutan SAT» ۋە ھىندىستاننىڭ يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىدىن باشقا سۈنئىي ھەمراھلارنىمۇ ئېلىپ ماڭغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «India-Bhutan SAT» سۈنئىي ھەمراھى تەمىنلەيدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەرنى تەبىئىي بايلىقلارنى باشقۇرۇش ساھەسىدە ئىشلىتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار سۈنئىي ھەمراھلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى باياناتىدا، بۇنىڭ ھىندىستاننىڭ بۇتان بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقىدا «تارىخى بۇرۇلۇش نۇقتىسى» بولغانلىقىنى ئېيتتى.  

مىنىستىر جايشانكار ھىندىستاندا بۇتانلىق ئىنژېنېرلار بىلەن بىرلىكتە سۈنئىي ھەمراھ ياساش ۋە سۈنئىي ھەمراھتىن ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش جەھەتتە تەربىلەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان سۈنئىي ھەمراھنىڭ بۈگۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر