بۇلغارىيە نوپۇسىنىڭ %8.4نى تۈركلەرنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

بۇلغارىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى، تۈركلەرنىڭ بۇلغارىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %8.4 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1911373
بۇلغارىيە نوپۇسىنىڭ %8.4نى تۈركلەرنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيەدىكى 6 مىليون 500 مىڭ نوپۇسنىڭ 8.4 پىرسەنتىنى تۈركلەر تەشكىل قىلىدۇ؛ بۇلغارىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى، بۇلغارىيەنىڭ 2021 – يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلىپ، بۇلغارىيەدە 6 مىليون 519 مىڭ 789 ئادەمنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ 508 مىڭ 378 نەپىرىنىڭ تۈركلەر ئىكەنلىكىنى؛ بۇ ساننىڭ دۆلەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %8.4 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نوپۇسنىڭ %78.7 نى بۇلغارلار، %4.4 نى رىملار تەشكىل قىلىدىكەن.

نوپۇس تەكشۈرۈشىگە قاتناشقانلارنىڭ جاۋابلىرى، دۆلەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %8.7  نى تەشكىل قىلىدىغان 514 مىڭ 378 كىشىنىڭ ئانا تىلىنىڭ تۈركچە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن 638 مىىڭ 708 ئادەم ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10.8 نى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر