ئۇكرائىنالىق 34 يېتىم تۈركىيەدە

ئۇكرائىنالىق 34 يېتىم ئۇكرائىنادىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.

1910822
ئۇكرائىنالىق 34 يېتىم تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دا كۈتۈۋالغان  ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىنىڭ رەپىقىسى ئولېنا زېلېنىسكا بىلەن ئۇرۇش قۇربانى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانىدى. ئەمىنە ئەردوغان، شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا، مۇنداق دېگەنىدى: «تۈركىيە باشتىن تارتىپلا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىنىدەك، تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك  كۈرىشىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر ساھەدە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئولېنا زېلېنىسكا بولسا، تۈركىيەنىڭ ئائىلىسىز 1300 ئۇكرائىنالىقنى باغرىغا باسقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان، كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغان تەخمىنەن 200 بالىنىڭ تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ئەمىنە ئەردوغاندىن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى.

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2 ئاي ئىلگىرى ئولېنا زېلېنىسكانىڭ ياردەم تەكلىپىگە بىنائەن تۇنجى ئىجابىي قەدەم تاشلانغانىدى.

بۇ دائىرىدە، ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا شەھىرىدىكى سونېچكو بالىلار يېسلىسىدىن پايتەخت ئەنقەرەگە 34 يېتىم بالا كەلتۈرۈلدى.

ئولېنا زېلېنىسكا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىككى رەھبەرنىڭ رەپىقىلىرىنىڭ ھەمكارلىق ساھەسىدىكى مۇھىم نامايەندىسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر