ۋېنگىرىيە: شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىقىنى 2023 – يىلى مۇزاكىرە قىلىمىز
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى- ناتوغا ئەزالىقى مەسىلىسىنىڭ ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ 2023 – يىلىنىڭ دەسلەپكى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوربان، ۋېنگىرىيەنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋېنگىرىيە فىىلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزالىقىنى قوللىماقتا. پارلامېنتىمىز بۇ مەسىلىنى كېلەر يىلنىڭ دەسلەپكى يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كىرگۈزىدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ 2023 – يىلللىق دەسلەپكى يىغىنىنىڭ فېۋرال ئېيىدا چاقىرىلىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.
ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى 2022 – يىلى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە سالۋادوردا
ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى سالۋادوردا ئېچىلدى.