جىددەدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم قازا قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە ئىككى ئادەم قازا قىلدى.

1910910
جىددەدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددە شەھىرىدىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايرودرومى بىر قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قاتنىشىنى توختاتتى. پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ ئورگانلىرى ئوقۇغۇچىلارنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى.

دائىرىلەر، كەلكۈندە ھازىرغىچە ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئاممىنى مەجبۇر بولۇپ قالمىغان تەقدىردە، سىرتقا چىقماسلىققا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر