ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 300 دىن ئاشتى

ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئىشتاتىدا 21-نويابىر (2022) يۈز بەرگەن 5.6 بال يەر تەۋرەشتە جېىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 310 غا چىقتى.

1911196
ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 300 دىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە تەبىئىي ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جىران جاڭ شەھىرىنىڭ 18 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 310 غا چىققانلىقىنى، 24 كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئىشتاتىغا قاراشلىق جىران جاڭ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يەردىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.6 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلغا ئىدى.

پايتەخت جاكارتادىمۇ بىر قانچە سېكۇنتلۇق سىكىنىشكە سەۋەب بولغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دېڭىز تاشقىنى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر