ب د ت ئىرانغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئىراندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىرانغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىش تەكلىپى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.
1911176

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە چاقىرىلغان مەخسۇس يىغىندا، ئىراندا 16 – سېنتەبىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى جەريانىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىن ئاخىرىدا، ئىراندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىرانغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىش تەكلىپى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلدى.
تەكلىپ، 6 گە قارشى 25 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.