ئىران: تەھدىت شەكىللەندۈرگەن تەقدىردە ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملىشىدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئىراق  مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېھرانغا قارشى ئۆكتىچى تېررورچى گۇرۇپپىلارنى چېگرادىن يىراقلاشتۇرۇشقا ۋە قورالسىزلاندۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

1910585
ئىران: تەھدىت شەكىللەندۈرگەن تەقدىردە ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھىيان، پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىراندا ماھسا ئېمىنىنىڭ نازارەت ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن باشلانغان نامايىشلار ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرۇلۇق توختالدى، ھەمدە  يېقىنقى 8 ھەپتە ئىچىدە ئىرانغا قارىتا «تاشقى مۇداخىلىنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە گە يەتكەنلىكى» نى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئىراندىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى يۈزلىنىۋاتقان قوشنىلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىۋاتىمىز.»

ئۇ، ئىراق بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسى دائىرىسىدە، قوشنا دۆلەتتىن ئىرانغا تەھدىت شەكىللەنگەن تەقدىردە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر