ئەنگلىيە: «ئىران ھەرگىزمۇ يادرو قورالغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك»

مىنىستىر جامېس كلېۋېرلىي: «دۆلەت ئىچىدە ئۆز خەلقىگە زۇلۇم قىلغان بىر ھاكىمىيەت چوقۇم چەتئەللەردىكى دوست ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزغىمۇ تەھدىت سالىدۇ. ئىران ھەرگىزمۇ يادرو قورالغا ئېرىشمەسلىكى كېرەك» دېدى.

1910474
ئەنگلىيە: «ئىران ھەرگىزمۇ يادرو قورالغا ئىگە بولماسلىقى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جامېس كلېۋېرلىي ئىراننىڭ ھەرگىزمۇ يادرو قورالغا ئىگە بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

جامېس كلېۋېرلىي تىۋىتتېردىكى يازمىسىدا، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ يەر شارى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىپ كېلىدىغان خەۋىپىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىر جامېس كلېۋېرلىي: «دۆلەت ئىچىدە ئۆز خەلقىگە زۇلۇم قىلغان بىر ھاكىمىيەت چوقۇم چەتئەللەردىكى دوست ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزغىمۇ تەھدىت سالىدۇ. ئىران ھەرگىزمۇ يادرو قورالغا ئېرىشمەسلىكى كېرەك» دېدى.

ئىران «خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن يېتەرلىك ھەمكارلىق ئورناتمىدى» دېگەن سەۋەب بىلەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئىرانغا قارشى ماقۇللىغان سەلەبىي قارارىغا نارازىلىق سۈپىتىدە، فوردودىكى يادرو مۇئەسسىسەدە ئوراننى %60 ساپلىق بىلەن بېيىتىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

«E3» دەپمۇ ئاتالغان ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە تۈنۈگۈن ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش قارارىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، «ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتى يەرشارىنىڭ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىغا دوئېل ئېلان قىلغانلىقتۇر» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر