سېربىيە بىلەن كوسوۋۇ ئاپتوموبىل تاختا نومۇرى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا كېلىشتى

سېربىيە بىلەن كوسوۋۇ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى سەۋەبلىك باش كۆتۈرگەن كىرىزىسنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ، مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

1910599
سېربىيە بىلەن كوسوۋۇ ئاپتوموبىل تاختا نومۇرى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، سېربىيە ۋە كوسوۋۇ باش سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، دىققەتنى «جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش تەكلىپىنى مەركەزلەشتۈرۈش» توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

جوسېپ بوررېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېربىيە كوسوۋۇ شەھەرلىرىگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان نومۇر تاختىلىرىنى تارقىتىشنى، كوسوۋۇمۇ ئاپتوموبىلللارغا قايتىدىن ئىجازەتنامە بېرىشنى توختىتىدىكەن.

سېربىيەنىڭ كوسوۋۇدىكى سېربلارغا نومۇر تاختىسى بېسىپ تارقىتىپ بېرىشىدىن كېيىن، كوسوۋۇ ھۆكۈمىتى پەيشەنبە (17-نويابىر) كۈنىدىن باشلاپ سېربىيە تارقاتقان نومۇر تاختىسىنى قادىغان شوپۇرلارغا جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلغانىدى.

كوسوۋۇدا بۇ خىل نومۇر تاختىسى ئىشلىتىدىغانلار سانى 10 مىڭ ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.

سېربىيە 2008-يىلى «ئۆز ئالدىغا» مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان كوسوۋۇنى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ قارايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر