لاۋروۋ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رۇسىيەنى «تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1910646
لاۋروۋ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ، رۇسىيەنىڭ «رۇسىيە -1» قانىلىنىڭ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ  رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك قارارى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «مېنىڭچە بۇ، كاللىسى جايىدا ھەر قانداق ئادەمگە ئايان بىر ئىش، ئەمما مەن دوختۇرلۇق ئوقۇمىغان» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋامۇ بۇ قارار توغرىسىدا توختىلىپ: «مەن ياۋروپا پارلامېنتىنى <ئەخمەقلىقنىڭ قوللىغۇچىسى> دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەكلىپ قىلىمەن» دېگەنىدى.

ياۋروپا پارلامېنتى تۈنۈگۈن رۇسىيەنى «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز ھەرىكەتلەر»نى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، «تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر