رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى بىر دوختۇرخانىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى

ئۇكرائىنانىڭ ۋولنىيانسك شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا بىر بوۋاق قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى خارابىلىك ئاستىدا قالدى.

1910223
رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى بىر دوختۇرخانىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودومىر زېلېنسكىي ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ۋولنىيانسك دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىگە تەگكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا نەتىجىسىدە، بىر بوۋاقنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنت زېلېنسكىي يەنە، بىر ئايالنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە بىنا خارابىلىكى ئىچىدە قالغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

بومبا پارتىلاش نەتىجىسىدە ئاساسەن دېگۈدەك يىقىلغان بىنادىكى ئوت ئاپىتى، پاژارنى خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېلىندى.

ئۇكرائىنا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىنا خارابىلىكى ئاستىدىن چىقارغان بىر يارىدار ئايالنى داۋالاش ئەترىتىگە تاپشۇردى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24 - فېۋرالدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر