گوگۇلنىڭ دۈزجەدىكى يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى

ئىنتېرنېت ئىزدەش موتورى گوگۇلنىڭ دۈزجەگە قاراشلىق گۆلكايا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 5.9 بال يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.

1909999
گوگۇلنىڭ دۈزجەدىكى يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوگۇلنىڭ ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى (USGS) نى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان دۈزجەگە قاراشلىق گۆلكايا ناھىيەسى مەركەزلىك 5.9 بال يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلدى: «6.1 بال يەر تەۋرىدى. تەسىرگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر: بۇلغارىيە، قىبرىس، تۈركىيە، گىرېتسىيە، رۇمېنىيە، ئەنگلىيە ۋە ئۇكرائىنا. (ئەنقەرە ۋاقتى) سائەت 04:08 دە»

بۇ ئۇچۇردا يەر تەۋرەشنىڭ ئەنگلىيەگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تۋىتتېردا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر