شىۋېتسىيە: تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بار
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىللستروم تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتتى.
1909190

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توبىياس بىللستروم، تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن قوزغىغان «پەنجە – قىلىچ» ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە، دۆلىتىدە چىقىدىغان «‹Expressen› گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتتۇر. جۈملىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بار.»