ئامېرىكادا قار بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن 3 كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكانىڭ نيۇيورك ئىستاتىنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي رايونلىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن قار بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن 3 كىشى قازا قىلدى.

1908658
ئامېرىكادا قار بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن 3 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇيوركنىڭ بولۇپمۇ بۇففالو شەھىرىدە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن قاتتىق قار يېغىش تۇرمۇشنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

جۈمە كۈنى كەچتىن بۇيان ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى نۇرغۇن رايونلاردا 1.8 مېتىردىن ئېشىپ كەتتى، ئاپتوموبىللار يوللاردا قالدى.

شەھەردە 2 كىشى قار بورىنى ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈرەك سانجىقى تۇتۇپ قازا قىلدى.

ئىندىئانا ئىشتاتىغا قاراشلىق ھاملەت يېزىسىدا 1 كىشى ئاپتوموبىلى قار يىغىندىسىغا سوقۇلۇپ پېتىپ قىلىشى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

نيۇيورك ۋالىيسى كەيتى ھوچۇل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىندىن «فېدېراتىپ جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر