ستولتېنبېرگ: ئەردوغان ئاشلىق كېلىشىمى ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىدى

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ ئۇزارتىلىشىدا ۋە ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا ھالقىلىق ۋە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1908953
ستولتېنبېرگ: ئەردوغان ئاشلىق كېلىشىمى ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردىكى تەسىرى بىلەن شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ ئۇزارتىلىشىدا تۈركىيەنىڭ ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ئىنتايىن ھالقىلىق ۋە مۇھىم» رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدىمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىنى ھەمدە فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ تۈركىيە بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە يېقىن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ئۇكرائىنانى ئۇزۇن مۇددەت قوللاش مەسىلىسىدە تەييار تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە 28-ئىيۇن ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا ئېچىلغان ناتو رەھبەرلەر يىغىنىدا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنى رەت قىلماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىغان كوپېنھاگىن ۋە ستوكھولم بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان ئەنقەرە، بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئادا قىلىنىشىنى كۈتمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر