پاكىستان – ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ۋاقىتلىق تاقالغان چېگرا ئېغىزى قايتا ئېچىۋىتىلدى

پاكىستان مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان تەرەپنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتتە ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلگەن.

1908792
پاكىستان – ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ۋاقىتلىق تاقالغان چېگرا ئېغىزى قايتا ئېچىۋىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ ھۇجۇم قىلغۇچىنى پاكىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن.

پاكىستان ۋە ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى چېگرادا قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئارىدىن 8 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن چېگرا ئېغىزى پىيادىلەرگە ۋە سودا مۇناسىۋىتى بىلەن كىرىپ-چىقىشقا ئېچىۋېتىلدى.

پاكىستان دائىرىلىرى 13 - نويابىردا ئافغانىستان تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوقتا بىر پاكىستان ئەسكىرىنىڭ قازا قىلىشىغا ۋە يەنە بىر پاكىستان ئەسكىرىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن، چېگرا ئېغىزىنى ۋاقىتلىق تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەسئۇللار، ھۇجۇم قىلغۇچى پاكىستان دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنگە قەدەر چېگرا ئېغىزىنىڭ ئېچىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا چەمەندە پات-پات توقۇنۇش يۈز بېرىپ كەلمەكتە.

پاكىستان-ئافغانىستان چېگراسى 2670 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا ئىگە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جەمئىي 18 چېگرا ئېغىزى بار.

چەمەن ۋە تورخام چېگرا ئېغىزلىرى ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆتۈش نۇقتىسىدىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر