فىلىپپىندا كامېلا خاررىسقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا بىر گۇرۇپپا كىشى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامېلا خاررىسقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1908779
فىلىپپىندا كامېلا خاررىسقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار كۆتۈرۈۋالغان: «كامېلا خاررىس! قارشى ئېلىنمايسىز.»، «كامېلا! فىلىپپىنغا قورال - ياراغ بەرمەڭ.»، «ئامېرىكا بىرىنچى نومۇرلۇق تېررورچى»، «فىلىپپىندىكى دۆلەت تېررورلۇقىنى توختىتىڭ!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار دىققەت قوزغىدى.

قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش، نۇتۇق سۆزلەش ۋە شوئار توۋلاشلاردىن كېيىن، تىنچ ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر