ئىران بىخەتەرلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارغا قورال ۋە پارتلاتقۇچ بىلەن مۇداخىلە قىلدى

ئىراننىڭ غەربىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ماخاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ماھسا ئەمىنى نامايىشىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارغا قورال ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.

1908383
ئىران بىخەتەرلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارغا قورال ۋە پارتلاتقۇچ بىلەن مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن كەچتە ماخاباد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارشى قورال ۋە پارتىلاتقۇچ ئىشلەتكەن.

شەھەردە ھۆكۈمەتكە قارشى شوئار توۋلىغان نامايىشچىلار بەزى كوچىلارنى خىش ۋە تاشلار بىلەن تاقىغان.

بىخەتەرلىك قىسىملىرى نامايىشچىلارغا قورال ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغان ۋە شەھەردە  بەزى يەرلەردە پارتىلاش ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانغان.

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان بەزى مېديا ئورگانلىرى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ماخابادتا ھۆكۈمەتكە قارشى ئىران كۇردىستان كومالا پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شەھەرگە نۇرغۇن ساندا ساقچى ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يازمىلىرى ئارقىلىق «ماخاباد خەلقىگە ياردەم بېرىش» چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

ئىران ھۆكۈمىتىگە يېقىن بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 2 كۈن ئىلگىرى ماخاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا بەزى نامايىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ئوق ئاتقانلىقى توغرۇلۇق سىنلارنى ھەمبەھىرلىگەن ئىدى.

ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

تېھراندا 22 ياشلىق ماھسا ئەمىنىنىڭ 16 – سىنتەبىردە قاماقتا ۋاپات بولىشى،  ئىران ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر