تۋىتتېردا ئىستېپا بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تىۋىتتېرنىڭ يېڭى خوجايىنى ئېلون ماسكنىڭ خىزمەتچىلىرىنى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىش ياكى ئىستىپا بېرىش چاقىرىقىدىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى ئىستىپا بەردى.

1908230
تۋىتتېردا ئىستېپا بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ئۆزگىرىشتىن كېيىن، تىۋىتتېر بارلىق ئىشخانىلىرىنى ۋاقىتلىق تاقىدى؛ خىزمەتچىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئېلېكترونلۇق مەكتۇپتا، ئۇلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى خىزمەتكە قايتىشى تەلەپ قىلىندى. خىزمەتچىلەر، شىركەتنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورتاقلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى.

دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى ئېلون ماسك، تۋىتتېرنى 44 مىليارد دوللارغا سېتىۋېلىپ، شىركەتنىڭ 7500 خىزمەتچىسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى ئىشتىن بوشاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر