شى جىنپىڭ: ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەت غەرىزى يوق

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، دۆلىتىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈچىنچى بىر تەرەپكە قارشى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەت غەرىزى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1908215
شى جىنپىڭ: ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەت غەرىزى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شى جىنپىڭ تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى جەريانىدا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيە باش مىنىستىرى جامېس ماراپې بىلەن كۆرۈشتى.

خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى بىلەن باراۋەرلىك، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوچۇق-ئاشكارا، سىغدۇرۇشچان بولۇش ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشش ھەمكارلىقى ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى تەكىتلىگەن خىتاي رەئىسى شى: «تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئۈچىنچى بىر تەرەپكە قارشى ئەمەس، جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەت غەرىزىمۇ يوق» دېدى.

خىتاي بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىققا ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن شى جىنپىڭ، بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى دائىرىسىدە ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە سۈپەتلىك ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ماراپې بولسا، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسىنىڭ خىتاي بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ھېچقانداق بىر كۈچ بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر