شىمالىي كورېيە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1907783
شىمالىي كورېيە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى شىمالىي كورېيەنىڭ شەرققە قارىتىپ شۇ يەر ۋاقتى 10 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىمۇ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقىنى توغرىلىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيو مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيە تەۋەلىكىگە چۈشكەنلىكىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ «كۈشكۈرتچىلىك ھەرىكىتى» نى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خامادا ياسۇكازۇ شىمالىي كورېيەنىڭ «بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ھەرىكەتلىرىگە» قارشى چىققانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رايوندا جىددىيچىلىكنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنولوگىيەلىرىدىكى تەرەققىياتنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 11 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى خوككايدو رايونىنىڭ غەربىگە چۈشكەنلىكى، ئەمما ھېچقانداق زىيان-زەخمەتنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە تاراتقۇلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىل (2022) 34 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر