نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدا بىئافرا تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلدى

نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىمو ئىشتاتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئېلان قىلىنغان بىئافرا (Biafra) يەرلىك خەلقلىرىنىڭ (IPOB) 13 ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

1907764
نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدا بىئافرا تەشكىلاتىغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى مۇسا دانمادامى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئارمىيەنىڭ ئىمو ئىشتاتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بىئافرا يەرلىك خەلقلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 13 تېررورىستنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئالتە تېررورىستنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھەربىي ھەرىكەتلەردە، دۆلەت سايلام كومىتېتىنىڭ يۈتۈپ كەتكەن سايلىغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ساقلانغان ئاپپاراتنىڭ تېپىلغانلىقىنى، 19 دانە ھەر خىل قورال ۋە مۇھىم ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدا پات-پات تېررورلۇق تەشكىلاتى بىئافرا يەرلىك خەلقلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى يۈز بېرىدۇ. تەشكىلاتنىڭ 14-نويابىر (2022) ئىمو ئىشتاتىدا پەيدا قىلغان ھۇجۇمىدا بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. 1967-يىلى بىئافرا دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتا نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدا 1967-يىلى قۇرۇلغان بىئافرا جۇمھۇرىيىتى، ئىچكى ئۇرۇش نەتىجىسىدە قايتىدىن نىگېرىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر