پولشا: باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋەقەسىگە رۇسىيە جاۋابكار

پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىسكى (Mateusz Morawiecki) پولشاغا چۈشكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەۋەبىدىن ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا رۇسىيەنى، «جاۋابكار» دېدى.

1907572
پولشا: باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋەقەسىگە رۇسىيە جاۋابكار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىسكى تۈنۈگۈن (16-نويابىر) بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پولشا زېمىنىغا چۈشكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەكشۈرۈشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئۆلۈمى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئۇ دۆلەتنى كەڭ كۆلەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، تېررورلۇق ۋەھىمىسىگە سالغان رۇسىيەنىڭ جىنايىتىدۇر» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكادىن زامانىۋى قوراللارنى سېتىۋىلىۋاتىمىز، پولشانى ئاسان يۇتقىلى بولمايدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئالىي ۋەكىلى ۋە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوسېپ بوررېل پولشا زېمىنىغا چۈشكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا توغرىسىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «بۇ بىر تىراگېدىيەلىك ۋەقە، رۇسىيە تەرىپىدىن ئۇكرائىنا شەھەرلىرى، پۇقرالىرى ۋە ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ نەتىجىسى. بۇ ھۇجۇملار خەلقئارالىق قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پولشانى ئۇكرائىنا چېگراسىغا جايلاشقان پرزېۋودوۋ يېزىسىغا چۈشكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى دەسمى قىلىپ «ئىغۋاگەرچىلىك قىلماسلىق» قا چاقىردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا يازما باياناتىدا، پولشانىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ياسېك سلادېۋسكى (Jacek Sladewski) نىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «دىپلوماتقا، پولشانىڭ مەزكۇر ۋەقەنى چۆرىدىگەن ھالدا رۇسىيەگە قارشى ئىستىخبارات ئۇرۇشىنى ئۇلغايتىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى» دېدى.

پولشانىڭ ئۇكرائىناغا جايلاشقان پرزېۋودوۋ يېزىسىغا 15-نويابىر نامەلۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشۈپ، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر