رۇسىيەنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەشكە چېتىشلىق 3 ئىران شىركىتى بىلەن 2 تىرانسپورت شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1906823
رۇسىيەنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىران  ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىشى ئۈچۈن رۇسىيەگە بەرگەن كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەشكە چېتىشلىق 3 ئىران شىركىتى بىلەن 2 تىرانسپورت شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ يازما باياناتىدا: «بۈگۈن ئىراننىڭ رۇسىيەگە پۇقراۋى ئۇل- ئەسلىھەلەرنى ۋە شەھەرلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بېرىش قاتارلىق ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشتا رۇسىيەنى قوللىغانلىقىغا جاۋابەن ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگو قارارىنى بىرلىكتە ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىران رۇسىيەگە بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ۋە يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان 3 ئىران شىركىتىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئېمبارگو تىزىملىكىدىكى 3 ئورگاننىڭ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىملىرى ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئەترىتى، موھاجەر -6 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىدىغان قۇددۇس ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركىتى، رۇسىيە قىسىملىرى تەرپىدىن كىيېۋ، ئودېسسا ۋە خاركىۋ رايونلىرىدا يېقىنقى ھۇجۇملاردا ئىشلىتىلگەن شاھېد -136 كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان شاھېد ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تىپلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان شاھېد ئاۋىياتسىيە سانائىتى تەتقىقات مەركىزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئىشلەتكەن رۇسىيە خۇسۇسىي بىخەتەرلىك شىركىتى ۋاگنېرغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىران ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ۋاگنېرغا سېتىلىشىدا رول ئوينىغان ئابباس جۈمە ۋە تىگران كىرىستوفوروۋىچ سرابيونوۋنىڭمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئىران ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيەگە يۆتكىلىشىدە رول ئوينىغان مەركىزى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە بولغان «Success Aviation Services FZC» شىركىتى ۋە «İ Jet Global DMCC» شىركىتىنىڭمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر